'مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى' فىلىمىنىڭ تەيۋەندە ئالدىن قويۇلماقچى بولغانلىقى خىتاينى خاپا قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۇرمۇشىنى باش تېما قىلغان " مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى " ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تەيۋەننىڭ گاۋشيۇڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلۇپ، 10 - ئايدا قويۇلماقچى بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.09.20

تەيۋەندە قوزغالغان بۇ بىر قاتار غۇلغۇلىلار نەتىجىسىدە گاۋشيۇڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بۇ فىلىمنى ئالدىنئالا 22 - سېنتەبىر كۈنى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گاۋشىيۇڭنىڭ مەزكۇر قارارى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىغا تەۋە تەيۋەن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

تەيۋەن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى گاۋشىيۇڭنىڭ بۇ قارارىغا قارشى چىقىپ، بېيجىڭنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان رابىيە قادىرغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنى تەكرارلىدى شۇنىڭدەك گاۋشيۇڭ دائىرىلىرىنى بۇ ئارقىلىق ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرىدە يەنە ئىش چىقارماسلىققا دەۋەت قىلدى.

بۇ ھەقتە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىمۇ خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، تەيۋەن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى خىتاينىڭ بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ياپونىيە زىيارىتىدىن قايتقان گاۋشيۇڭ شەھەر باشلىقى بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، گاۋشيۇڭ كىنو فېستىۋالىنىڭ مۇستەقىل بىر فېستىۋال ئىكەنلىكى، شەھەر ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ فىلىم قاتناشتۇرۇشى ۋە مۇستەقىل پائالىيەت قىلىشىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئەسلى پىلان بويىچە رابىيە قادىر ھەققىدىكى فىلىمنىڭ گاۋشيۇڭ فىلىم فېستىۋالىنىڭ تەرتىپىگە يەنىلا كىرگۈزىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.