چاقىرىقنامىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن بۇرۇن ئۈنۈم بەرمىگەن باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنە قايتا يولغا قويغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تۈگىمەس بىر ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، خىتاي خەلقى بۇ سىياسەتنىڭ توغرا-خاتالىقى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ۋىجدانى بىلەن ئويلىنىپ بېقىشقا چاقىرىلغان.
چاقىرىقنامىدە يەنە بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ھۆكۈمەت بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارشى ئاشكارا زوراۋانلىق يۈرگۈزگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىككى مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئېغىر بىر تەھدىت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
چاقىرىقنامىدە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتاي خەلقىنى ئىدارە قىلىشتا ئۆتمۈشتە كوممۇنىزم شوئارى بىلەن ئالداپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە «دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت پۈتۈنلۈكى» دېگەن شوئارى بىلەن ئالداۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. دۆلەتلەردىكى مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆتكۈنچى، خەلقلەرنىڭ بولسا، مەڭگۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن چاقىرىقتا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىش نىيىتى ھەم قابىلىيىتى يوقلۇقى، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى، خىتاي ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى گۇرۇپپىنىڭلا دىئالوگ يول بىلەن ھەل قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. چاقىرىقنامىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دائىر يەنە كۆپلىگەن مەسىلىلەر بايان قىلىنىپ، ئاخىرىدا خىتاي خەلقىنى شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىدە ھەقىقەتنى ياقلاشقا ۋە زۇلۇمغا يانتاياق بولماسلىققا چاقىرىلغان.