رۇسىيە ب د ت نىڭ سۈرىيىگە ئېمبارگو قويۇشقا نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى راخمانوۋ بۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بەشەر ئەساد ھۆكۈمىتىگە قارشى قارار ماقۇللىسا، سۈرىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى بۇ باياناتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈن 31-يانۋار كەچقۇرۇن ماقۇللىماقچى بولغان سۈرىيە ھەققىدىكى قارارىدىن بىرنەچچە سائەت ئىلگىرى ئېلان قىلغان.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەرەب بىرلەشمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 31-يانۋار كۈنى كەچقۇرۇن سۈرىيە بەشەر ئاساد ھۆكۈمىتىگە قارشى قارار ماقۇللاشنى بېكىتكەن. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، بۇ قارار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا دائىمىي ئەزا بولغان 15 دۆلەت ئىچىدە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق 10 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقى مەلۇم. ئەمما سۈرىيە بەشار ئاساد ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن رۇسىيە ھەم خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.