ئۇ يەنە بۇ ئارقىلىق، نوبېل مۇكاپاتىدەك مۇھىم بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىنسانىي ھەققىنىڭ دەپسەندە بولۇش ۋە مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىش ئەھۋالىغا خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى كۆپلەپ تارتىش مەقسىتىنى ئىپادىلىگەن.
ليۇ شاۋبو لايىھىلىگەن ۋە ئىمزا توپلاشقا يېتەكچىلىك قىلغان 2008 -نىزامنامىسى، ئەينى يىللاردا پولشا دېموكراتلىرى تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن كوممۇنىزمغا قارشى نىزامنامىنى ئۆلگە ئالغان. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر، ۋالىسانىڭ خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ، جۈملىدىن ليۇ شاۋبونىڭ پىكىر ۋە ھېسسىياتلىرىنى تولۇق چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە ليۇ شاۋبونىڭ تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي بۇ يىللىق نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىغا بار كۈچ بىلەن توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، سابىق پولشا پرېزىدېنتىنىڭ بۇ تەكلىپى ليۇشاۋبو ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئۈچۈن بىر ئىلھاملاندۇرۇش دەپ قارالماقتا.
نوبېل كومىتېتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر 36 دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسى نوبېل مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ 16 دۆلەت تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن؛ 6 دۆلەت بولسا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. خىتاينىڭ تەلىماتى بويىچە، قاتنىشىشنى رەت قىلغان دۆلەتلەردىن بىرى قازاقىستاندۇر.