خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىم تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان. شى جىنپىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك شىركەتلىرى ھەم سودىگەرلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن باشقا يەنە گېرمانىيە ئاۋازى، رويتېرس ئاگېنتلىقى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلدى.
گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيىدىكى 1-بېكىتى ئەنقەرە زىيارىتى مەزگىلىدە، ئەنقەرە شەھەر مەركىزىدىكى مېھمانخانا ئالدىدا شى جىنپىڭغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بايرىقىنى ھەم شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.