شېنجېندا 511 ئادۋوكات ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان شېنجېن شەھىرىدىكى 511 ئادۋوكات بىرلەشمە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنى ئادۋوكاتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى.

511 نەپەر ئادۋوكات ئوچۇق خېتىدە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ دوڭ يۇئەن ناھىيىسىدىكى يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلغان ۋە ئۇلارغا قانۇنىي ياردەملەرنى كۆرسەتكەن شېنجېنلىق ئادۋوكات لىئۇياۋنىڭ ئىككى يىللىق نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، دوڭيۇئان ناھىيىلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىن لىئۇ ياۋنىڭ دېلوسىنى ئاشكارە سوت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىئۇ ياۋ 2007 - يىلى بۇ جايدىكى يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلارغا ياردەملىشىپ، دېھقانلارنىڭ ئوز يەرلىرىگە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىشىگە قانۇنىي يوسۇندا قارشىلىق قىلغان. چۈنكى، 2006 - يىلى، مەزكۇر ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىر شىركەت بىلەن بىرلىشىپ، بۇ جايدا ئېلېكتىر ئىستانسىسى ياسىماقچى بولۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرى ئىشلەتكەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھەمدە ئۇلار ئەرز قىلغان ئىدى. لىئۇ ياۋ 2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قولغا ئېلىنغان ھەمدە، 4 يىللىق قاماققا بۇيرۇلۇپ، كېيىن ئىككى يىلغا ئۆزگەرتىلگەن.

لىئۇ ياۋنىڭ بېيجىڭلىق ئادۋوكاتى لىفاڭپىڭ لىئۇياۋنىڭ بۇ دېھقانلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇلار ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى قوغدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

511 نەپەر ئادۋوكاتنىڭ بىرلىكتە ئوچۇق خەت يېزىپ، ئادۋوكاتلىق كەسپىنى قوغداش ۋە ئادۋوكات لىئۇ ياۋنىڭ ھوقۇقىنى ھىمايە قىلىش ھەرىكىتى يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان، خىتايدا يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق چوڭ بىر ۋەقە ھېسابلانغان بولۇپ، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى ۋە پۈتۈن خىتايدىكى قانۇن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.