سۈرىيىدىكى ئىسيانچىلار دەمەشىقنىڭ يېنىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى قولغا چۈشۈرگەن

سۈرىيىدىكى ئىسيانچىلار، تۈنۈگۈن پايتەخت دەمەشىققە 15 كىلومېتىر مۇساپىدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، بازىنى قولغا چۈشۈرگەن.

ئىنتېرنېتتا تارقالغان بۇ ھەقتىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، پاچاقلاپ تاشلانغان ئىككى تىك ئۇچۇر ئايروپىلان، ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن ئىس-تۈتەك ۋە ئىسيانچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى كۆرسىتىلگەن.

لوندوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سۈرىيە ۋەزىيىتىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، شۇ كۈنى توقۇنۇشتا، ئىسيانچىلار ۋە دۆلەت ئارمىيىسىدىن بولۇپ ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 15 كىشى ئۆلگەن.

رويتېرسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ قولدىن كېتىشى بەشار ئاساد ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېغىر بىر زەربە ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە سۈرىيىدە تەرەپسىز ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى چەكلىنىۋاتقان بولغاچقا، مەزكۇر جايدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە پەرقلىق ئۇچۇرلار تارقالماقتا. بەزى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسيانچىلار مەزكۇر بازىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، داۋاملىق تۈردە دەمەشىققە قاراپ ئىلگىرىلەشكە ھازىرلانماقتا.

ئەمما يەنە بەزى خەۋەرلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىسيانچىلار، «ئەلمەجرى» دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر بازىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ قايتۇرما ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەزكۇر بازىدىن چېكىنىپ چىققان.