سۈرىيىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك كوماندىرى قوزغىلاڭچىلارغا قېتىلدى

سۈرىيە ئارمىيىسى ژاندارما ئەترىتىنىڭ باش كوماندىرى ئەسەد ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

2012.12.26


مەلۇم بولۇشىچە، لېيتېنانت گېنېرال ئابۇلئەزىز ئەل - شالال سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىن قېچىپ، تۈركىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن.

ئۇ، 26 - دېكابىر ئىنتېرنېتتا ئېلان قىلغان باياناتىدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ خەلقنى قوغداشنىڭ ئورنىغا «قاتىللار گۇرۇھى» غا ئايلىنىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك ئەسەد ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئالىي ۋەزىپىسى ۋەتەن ۋە خەلقنى قوغداشتىن ئىبارەت بولغان دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ شەھەرلەرنى خانىۋەيران قىلغانلىقىنى، خەلقنى قىرغىن قىلىپ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان.

لېيتېنانت گېنېرال ئابۇلئەزىز ئەل - شالال ئەسەد ھۆكۈمىتىنى تاشلاپ خەلق تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن سۈرىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىن بىرى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.