دائىرىلەر ھازىرغىچە ۋەقەدە 16 بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. مەكتەپتىكى قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە خارابە ئاستىدا قالغان يېزا ئاھالىلىرىنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، 2000 دەك ئاھالە قوللىرى بىلەن خارابىلىكلەرنى كولاپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا ئىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىتتا بالىلار مەكتەپتە دەرس ئوقۇۋاتقان بولۇپ، خىتايدا دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەتىل قويۇۋەتكەن مەزگىلدە، نېمە ئۈچۈن بالىلارنىڭ مەكتەپكە ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى كىشىلەرنى ئەجەبلەندۈرگەن. يەرلىك دائىرىلەر بۇ بالىلارنىڭ ئالدىنقى ئايدا يۈننەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن كەم قالغان دەرسلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن دەرس ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
دائىرىلەرنىڭ جاۋابى خىتايدىكى تور قوللانغۇچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان. چۈنكى ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە يېزىدىكى مەكتەپلەر ناھايىتى ئېغىر زەخىمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بالىلار تېخى رېمونت قىلىنمىغان سىنىپلاردا دەرس ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مۇلاھىزىلەردە دائىرىلەر، بالىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى بىلەن ئويناشتى دەپ تەنقىد قىلىنغان.
خىتايدىكى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتىدىكى مەسىلىلەرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىرلىقى 2008-يىلى سىچۈەندە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئاشكارىلانغان. ئۇ يەر تەۋرەشتە جەمئىي 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنى مەكتەپ بىنالىرىدا دەرس ئوقۇۋاتقان بالىلار تەشكىل قىلىدۇ.