خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا تازىلىق قەغەزلىرىنىڭ كۆپى ئەسكى - تۈسكى قەغەزلەرنى قايتا پىششىقلاش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، يىغىۋېلىنغان قەغەزلەرنى "ئاق ۋە يۇمشاق" قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خىمىيىلىك ماددىلار ئىشلىتىلىدىكەن.
بۇ ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆلچەملىك تازىلىق قەغىزى ئىشلەپچىقىرىش يۇقىرى تەننەرخ ۋە يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىكەن. خىتايدىكى زاۋۇتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇنداق يۇقىرى تېخنىكا بولمىغانلىقتىن، قەغەزنى ئاقارتىش ئۈچۈن ئادەتتە يالتىراق ماددا كۆپ ئىشلىتىلىدىكەن. بۇ خىل يالتىراق ماددا ئادەم بەدىنى بىلەن كۆپ ئۇچراشقان تەقدىردە راك كېسىلى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا تازىلىق قەغىزى ياساشتا بۇ خىل ماددىنى ئىشلىتىش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان.
خىتايدا زەھەرلىك سۈت پاراشوكى، زەھەرلىك تۇخۇم، زەھەرلىك ئويۇنچۇق، زەھەرلىك ۋاكسىنا ۋەقەلىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ئەمدى تازىلىق قەغىزىنىڭمۇ زەھەرلىك چىقىشى خىتايدىكى ئىستېمالچىلاردا قاتتىق ئەنسىزلىك ياراتماقتا.