ئۇ، «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاز بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئۇنىڭ ھەممە خەلقنىڭ ئىرادىسى ۋە رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋەزىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى، بۈگۈن تەيۋەن دائىرىلىرى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇر رايونىغا ساياھەتكە بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۇجۇم ھەرىكەتلىرىنىڭ ساقچىلاردىن ھالقىپ، ئاۋام خەلققە ھۇجۇم قىلىشقا قاراپ ئۆتكەنلىكى، ۋەقەنىڭ كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما، پەيدا قىلغان ۋەھىمىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقى ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ پەقەت «ئاز بىر ئۇچۇم كىشىلەرلا پەيدا قىلغان ۋەقە» ئىكەنلىكى،«ۋەقەدىن كېيىن رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ دەرھال نورماللىشىپ، خەلق كەيپىياتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى» نى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن قەشقەر ۋە خوتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ھېلىھەم جىددىيلىكى مەلۇم.