تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتىلغان مەزكۇر نارازىلىق نامايىشى جەريانىدا يەنە تىبەتلەر شام يېقىپ، ئۆزلىرىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن قېرىنداشلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن، مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 20 دىن ئارتۇق تىبەت ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىش ئارقىلىق تىبەتلەرگە ئەركىنلىك ۋە دالاي لامانىڭ قايتىپ كېلىش تەلىپىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەمما، بېيجىڭ تىبەتلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنى كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. دالاي لاما 1959 - يىلى تىبەت قوراللىق قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندا ھىندىستانغا قېچىپ چىققاندىن بۇيان چەت ‘ئەلدە ياشىماقتا.
