يەنە بىر تىبەت پۇقراسى ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى چىڭخەينىڭ چېنتسا ناھىيىسىدە يەنە بىر تىبەت چارۋىچى ئۆزىگە ئوت قويۇپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزىگە ئوت قويغان بۇ كىشىنىڭ 60 ياشلار ئەتراپىدىكى تامدىڭ تار ئىسىملىك بىر چارۋىچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ جۈمە كۈنى ئەتىگەن مالخو تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چېنتسا ناھىيىسىدە تۇرۇشلۇق خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرى گازارمىسىنىڭ يېنىدا ئۆزىگە ئوت قويغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ئورگىنى‏-شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خەۋەر بېرىپ، ئۆزىگە ئوت قويۇش ۋەقەسىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىغان. بىراق ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇشى خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپى تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكى ۋە ئۆزىگە ئوت قويۇش سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

چىڭخەيدە يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە تىبەتلەرنىڭ ئۆتكەن يىلى 3‏-ئايدىن باشلاپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى قوزغىغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن ئوتتۇز نەچچىنچى قېتىملىق ئۆزىگە ئوت قويۇش ۋەقەسى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت پۇقرالىرىنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دالاي لاما خىتاينىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىپ، ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.