ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ستېفېن ياڭ خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ستېفېن ياڭ جۈمە كۈنى خوڭكوڭ ئامېرىكا سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ چۈشلۈك زىياپىتىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ تىبەت، ئۇيغۇر سىياسىتىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ نۇتقىدا ئەسكەرتىپ، «بىز يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان نەچچە ئونلىغان كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، قولغا ئېلىنىشى ۋە ھەتتا ئەدلىيە سىستېمىسىدىكى مۈجمەللىك بەزى كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىدەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىمىز.

بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئەي ۋېيۋېي ۋە گاۋ جىماۋغا ئوخشاش خەلق ھوقۇقى ئادۋوكاتلىرى، يازغۇچىلار ۋە سەنئەتكارلار بار.

بىز يەنە خىتاينىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭغا دائىر سىياسىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يۆنىلىشىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىمىز» دېگەن.

ستېفېن ياڭ ئىلگىرى بىر مەزگىل ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللۇققا تەيىنلەنگەن ئىدى.

ئۇ جۈمە كۈنكى نۇتقىدا يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكا جۇڭگونىڭ «ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىقىپ»، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، دېگەن تەنقىدىنى رەت قىلىپ، «بىز ئەركىن جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي مۇقىم جەمئىيەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

پەقەت ئەركىن جەمئىيەتتىلا كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئوي-پىكرىنى تىنچ، نورمال ۋە قانۇنى يوللار بىلەن ئىپادە قىلالايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. ئامېرىكا بىلەن خىتاي يېقىندا ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد دىئالوگى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن كېلىشىم ئىمزالىغان، بىراق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىغان ئىدى.