خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىك قۇدۇق كۆمۈر كېنىدىن 18-چېسلا ئاخىرقى قېتىملىق كۆمۈر قېزىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، رەسمىي تاقالغانلىقى ئېلان قىلىنغان. 1951-يىلى قۇرۇلغان مەزكۇر كان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىسى ئۇيغۇرلار خېلى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان تارىخى ئۇزۇن چوڭ كانلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇرۇن مەزكۇر كاننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىدىن چېكىنگەن ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنى ئاساس قىلغان ئىدى.
دائىرىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر كان ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىتىنى قوغداش ۋە يەر ئاستى گېئولوگىيىلىك سەۋەبلەردىن تاقالغان. لېكىن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر كاندا ئىشلەيدىغان نەچچە مىڭ كانچىنىڭ خىزمەت، دەم ئېلىشقا چىقىش، ئىجتىمائىي ۋە سالامەتلىك سۇغۇرتىسى قانداق ھەل قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان ۋە ياكى دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرگە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.
تىك قۇدۇق، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆمۈركاندا ئىشلەيدىغانلىقى سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان مۇھىم رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىم كۆمۈر كاننىڭ تاقىلىشى بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش دىموگرافىك ھالىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا يېقىندىن قىزىقماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى «-5ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر رايونغا توپلىنىپ ئولتۇراقلىشىشىنى قىسىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان ئىدى. خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەرنىڭ تىك قۇدۇق كۆمۈر كېنىنى تاقاش قارارى ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» چاقىرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي چىقىرىلغان.