تور بىخەتەرلىكى شىركىتى خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ «تور جاسۇسلۇق» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى

ياپونىيىدىكى تور بىخەتەرلىكى شىركىتى : ترەند مىكرو جۈمە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي توربۇزارلىرىنىڭ ھىندىستان، ياپونىيىلەرگە قارىتىلغان «تور جاسۇسلۇق» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇ تور جاسۇسلۇقى ئابونتلارنىڭ كىملىكى ۋە بانكا ھېساباتلىرىنى ئوغرىلاشقا قارىغاندا، ئېنېرگىيە شىركەتلىرىگە تەۋە كان - قۇدۇقلار، خام ئەشيا توشۇشقا دائىر ئۇچۇرلار ۋە ئاۋىئاتسىيە تېخنىكىسىنى ئوغۇرىلاشقا بەكرەك مەركەزلەشكەن ئىكەن.

بۇلار يەنە، ھەربىي مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش، تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بەزى خەۋەرلەردە بۇ توربۇزارلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر توربۇزارنىڭ ئىلگىرى ياپونىيىدە ئوقۇغانلىقى، ئۇنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ «تېڭشۈن» يەنە) QQ) شىركىتىدە ئىشلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ترەند مىكرو بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ھۇجۇم خاراكتېرىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان ھۇجۇملارغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.