ئۇ مۇلاھىزىسىدە، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئۇتۇقلىرىنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى.
نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەردوغان ھۆكۈمىتى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سىياسەت قوللىنىپ، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنى ھەم ئۆز دۆلىتىگە، ھەم قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بىر ۋەزىيەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەردوغان 5-ئىيۇل ۋەقەسى مەزگىلىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، رايوندىكى مۇھىم دۆلەت بولغان تۈركىيىنىڭ پوزىتسىيىسى خىتاينى چۆچۈتكەن ۋە تۈركىيە ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى تۈزۈشكە ماقۇل بولغان.
ئۇ، تۈركىيىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىقتىساد بازىسى قۇرۇش، مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىنى يېڭىلاش قۇرۇلۇشىنى قىلىش ۋە ئۇيغۇر دىنىي زاتلارنى تەربىيىلەشكە ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي نەتىجە، دېگەن.
نۇرى تۈركەل ئەپەندى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىدىكى ئۇسۇلىنىڭ، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىگە يېقىنلىشىشتا باشقا دېموكراتىك ئەللەرگىمۇ ياخشى بىر ئۈلگە بولالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ تۇرۇپمۇ، ئوخشاشلا ئۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ياخشى بىر ئۆرنەك» دېگەن.