تۈركمەنىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى

تۈركمەنىستاندا يەكشەنبە كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. فەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، بۇ تۈركمەنىستاننىڭ 20 يىللىق مۇستەقىللىق تارىخىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، 8 نامزات پرېزىدېنتلىق ئورنىنى تالىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىرقى پرېزىدېنت گۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوفمۇ بار. رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەردىمۇھەممەدوف، سابىق پرېزىدېنت سەپەر مۇرات نىيازوف تۇيۇقسىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ھەمدە 2007 - يىلى 89% ئاۋاز بىلەن پرېزىدېنت بولغان ئىدى. ئۇ، بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.02.12

دەسلەپكى ھۆكۈمدىلا سابىق پرېزىدېنت گۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوفنىڭ غەلىبە قازىنىپ، يەنە ئىككىنچى قېتىم پرېزىدېنت بولىدىغانلىقى مەلۇم. چۈنكى، ئىنكاسلاردا ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەسلىكى ئېيتىلماقتا.

پۈتۈن تۈركمەنىستان بويىچە 2307 سايلام پونكىتى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 2مىليون 987 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سايلامدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان شۇنىڭدەك يەنە خەلق ئالىق جەمىيەتلەرنىڭ ۋە تەشكىلاتلارنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى سايلام جەريانىنى كۆزىتىشكە قاتناشقان. بىراق ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزەتكۈچى ئەۋەتمىگەن.

تۈركمەنىستان تۈركمەنلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە مەملىكەت. بۇ دۆلەتتە تۈركمەنلەردىن باشقا ئۆزبېكلەر، رۇسلار، قازاقلار ۋە باشقا ئاز ساندىكى ئېتنىك گۇرۇپپىلار ياشايدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا تەخمىنەن 130 يىلنىڭ ئالدىدا ئىلى ۋادىسىدىن كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بار. ئۇلار ئاساسلىقى بايرام ئالى، مارى قاتارلىق شەھەرلەردە ياشايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.