ئۈرۈمچىدە 680 مىڭ كۆچمەن تۇرۇش گۇۋاھنامىسى ئالدى

خىتاينىڭ سىنا، ياشىن قاتارلىق تور خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە، 625 جايدا نوپۇس بېجىرىش نۇقتىسى قۇرۇلۇپ، تەخمىنەن 680 مىڭ كۆچمە نوپۇس ئۈرۈمچىدە تۇرۇش گۇۋاھنامىسى ئالغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.10.09

ئۇيغۇر بىز تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن تولۇقلىما ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 22-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلىرىگە باشقا ئۆلكىلەردىن ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشلەمچىلەر ئۈچۈن، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش، داۋالىنىش، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئېلىش قاتارلىق رەسمىيەتلەردە «يېشىل كارىدور» نامىدىكى ئالاھىدە تېز بېجىرىش يولى ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە تۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى بىر كۈن ئىچىدە بېجىرىپ بولۇش شارائىتى يارىتىلغان.

دائىرىلەر بۇ يىل 5-ئايدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆچمە نوپۇسلاردىن 6 مىليون كىشىگە رايوندا تۇرۇش گۇۋاھنامىسى بېجىرىپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق شارائىتلاردىن بەھرىمەن قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ خەۋەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ، چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشتۈرۈلىدىغان كۆچمە نوپۇسنىڭ ھەقىقىي سانى ھەققىدە قايتا مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىغا يېقىن مەزگىل ئىچىدە يەنە قانچىلىك خىتاي كۆچمەننى يۆتكەيدىغانلىقى ھەققىدە مەتبۇئاتلارغا ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە، ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەرنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىليون نوپۇسلۇق چوڭ شەھەرلەرنى قۇرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.