خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى بارلىق ئاساسى قاتلاملاردىكى پارتكوم ۋە ياچېيكىلىرىدىن ئۆز تەۋەلىكىدىكى يېزا - بازار، كەنت ۋە ئورگانلاردىكى مۇقىملىققا يوشۇرۇن تەھدىت كۆرسىتىدىغان ئامىللار ۋە باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئاجىز نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىپ، شۇنىڭغا قارىتا مۇناسىپ تەدبىر بەلگىلەش تەلەپ قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە پارتىيە ياچېيكىلىرى، ئاممىدىن پىكىر ئېلىپ، ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى بىرلىكتە تەھلىل قىلغاندىن كىيىن، ناھىيىلىك "بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە قايتا تەربىيىلەش ئىشخانىسى "غا ئەھۋال مەلۇم قىلىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلى كىرگەندىن بۇيان، ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ۋە باشقا سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە باستۇرۇش ۋە چەكلەش خاراكتېرىدىكى ھەر خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ خىل چەكلەش تەدبىرلىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ يىللىق دوكلاتلىرىدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.
