قارار لايىھىسى شەكلىدە سۇنۇلغان تەكلىپتە ئىسرائىلىيىنى ئۇرۇش توختىتىشقا مەجبۇرلاش ۋە ئىسرائىلىيىنىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى چارشەنبە كۈنى كەچتە يىغىن ئېچىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئەرەب دۆلەتلىرى سۇنغان قارار لايىھىسىدە، خاماسنىڭ راكېتا ھۇجۇمىنى توختىتىشى بايان قىلىنمىغىنى ئۈچۈن قارار ماقۇللۇقتىن ئۆتمىگەن. سۇداننىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىققا بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنىگە قەدەر پەلەستىن ۋەزىيىتى ھەققىدە قارار چىقىشىنىڭ قىيىنلىقى كۆرۈلمەكتە.
نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەت ئىسرائىلىيىنى پەلەستىنگە ھەدددىن ئارتۇق كۈچ قوللاندى دەپ ئەيىبلىمەكتە. ئىسرائىلىيە بولسا، ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىغا، خاماسنىڭ راكېتا ھۇجۇمى سەۋەب بولغانلىقىنى، راكېتا ھۇجۇملىرى توختىسا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.