ئۈرۈمچى ساڭفاڭكۇدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىنى بۇزۇش پىلانى كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلماقتا

خىتاينىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان ۋە كەپە ئۆيلەرنى چېقىش نامى ئاستىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر مەھەللىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ سايۋاغ رايونىدىكى ساڭفاڭكۇ دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. ئۆيلىرىنىڭ چېقىلىش پىلانىغا قارشى چىققان ئۇيغۇر ئاھالىلەر، شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن مۇۋاپىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە مەركىزى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە.

ئۆتكەن ھەپتە ساڭفاڭكۈدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىر تۈركۈمى شىكايەت ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان. بۇلار ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەندە، يەرلىك دائىرىلەر بۇلاردىن بەش نەپىرىنى پويىز ۋوگزالىدا توسۇۋېلىپ ئارقىسىغا قايتۇرۇپ ئەكەتكەن.

بىر قىسمى دائىرىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا قارىماي ۋوگزالدىن چىقىۋالغان. بۇلار نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئۆزلىرىگە بىر مەزگىللىك تۇرالغۇ جاي ئىزدىمەكتە. ئۇلار ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مەركىزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بېرىپ، ساڭفاڭكۇدىكى ئۆيلىرىنىڭ چېقىلماسلىقى ھەققىدە تەلەپ سۇنماقچى.

مەلۇم بولۇشىچە، ساڭفاڭكۇدا نۆۋەتتە 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىستىقامەت قىلىدۇ. بۇلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى چوڭ-كىچىك بازارلاردا يېمەك-ئىچمەك، كۆكتاتچىلىق ۋە باققالچىلىق قاتارلىق ئۇششاق تىجارەت ۋە يايمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى ئۈرۈمچىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارىغان ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى بۇزۇش ۋە تارقاقلاشتۇرۇشنى، مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن.