ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر دۇكانلىرىنىڭ ۋىۋىسكىلىرى ئېلىپ تاشلاندى

ئۈرۈمچى كونسۇل كوچىسى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان بىر قىسىم سودا دۇكانلىرىنىڭ ۋىۋىسكىلىرى «خىتايچە خەت كىچىك يېزىلغان» دېگەن باھانىدە ئېلىپ تاشلانغان بولۇپ، بۇ دۇكانلارنىڭ يېڭى ۋىۋىسكا ئېسىشقا بۇيرۇلۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.12.18

ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىجارەت دۇكانلىرىدىكى ۋىۋىسكىلارنىڭ مەجبۇرىي ئېلىۋېتىلىشى دۇكان ئىگىلىرىگە ئىقتىسادى زىيان ئېلىپ كەلگەن. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرىدىن 500 مېتىر يىراقلىقتىكى خىتايلار ئاچقان دوستلۇق سودا دۇكىنىنىڭ ۋىۋىسكىسىدا ئۇيغۇرچە خەت يېزىلمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا چارە كۆرۈلمىگەن. دوستلۇق سودا سارىيى قاتارلىق ئۇيغۇرچە يېزىق يېزىلمىغان نۇرغۇنلىغان خىتاي دۇكانلىرىنىڭ ۋىۋىسكىلىرىنىڭ ئۆز جايىدا تۇرۇۋېرىشى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدا ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە، ئورگان ۋە ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ۋىۋىسكىلىرى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە يېزىقنى ئۆلچەملىك ھالدا بىللە يېزىش تەلەپ قىلىنغان. ئەمما، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كۆپلىگەن ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ۋىۋىسكىلاردا پەقەتلا خىتايچە يېزىقنىڭ يېزىلىشى ياكى ئۇيغۇرچە يېزىق يېزىلغان ھالەتتىمۇ، خىتايچە خەتلەرنىڭ ئۈستىگە ياكى ئاستىغا كىچىك ھەم كۆرۈمسىز قىلىپ، ئىملاسىغىمۇ دىققەت قىلمىغان ھالەتتە يېزىلىشى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.