ئۈرۈمچىدە تۈنۈگۈن يۈز ئوقۇغۇچى يېمەكتە زەھەرلىنىپ داۋالىنىشقا باشلىغان

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ گېزىتى'نىڭ بۈگۈن خەۋەر قىلىشىچە، تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىدە بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 100 نەپەر ئوقۇغۇچى قوسىقى ئاغرىپ، بېشى قېيىپ، قۇسۇپ ھالسىزلانغانلىقتىن دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشقا باشلىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈن يەنە سانجى 7‏ - ئوتتۇرا مەكتەپتە، چۈشلۈك تامىقىغا دۇفۇ، قىزىلمۇچ، پۇرچاق قورۇمىسى بىلەن لەغمەن يېگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 10 نەچچىسى 7 ‏ - سائەتلىك دەرستە بېشى قېيىپ يىقىلىپ قالغان. مەكتەپ بۇ ئەھۋالنى مائارىپ ئىدارىسىغا يوللىغان.

بۇ ۋەقەنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقى ھەققىدە خىتاينىڭ شىنجاڭ دائىرىلىرى تېخىچە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلمىدى.