تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىلىدا خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پاش قىلغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى دېلولىرى 749، ئولجا ئالغان خروئىن قاتارلىق ھەر خىل زەھەرلىك چېكىملىكلەر 26 كىلوگرامدىن ئارتۇق.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دېلولارغا چېتىلغان ئەتكەسچىلەردىن 852 نى تۇتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 23 ى چەتئەل تەۋەلىكىدىكى 'ئالتۇن ھىلال ئاي' زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى. ئۇلار زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى كەنپىت ياكى ئىخلاس ماركىلىق سۈت پاراشۇكى قاتارلىق يېمەكلىك قاپلىرىغا قاچىلاپ، ھەتتا گېلەم قىلىپ توقۇپ چىقىپ، ئۇنى قونجىراپتىن ئېلىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان ئىكەن.