شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 ئالىي مەكتەپ قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جۇ گاڭ مەزكۇر ھەرىكەتكە ئىزاھات بېرىپ، بۇنىڭ مەقسىتىنىڭ "شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېڭى ۋە قەتئىيىلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش" ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر باشلىق يەنە بۇ ئارقىلىق "ھەر مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللەت بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ يېتىپ، ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە كۆڭۈل بولۇش ئىلگىرىلا مەيدانغا چىققان شوئار بولسىمۇ، بىراق ئۆتكەن يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەربىيىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقى، بۇ تەربىيىنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.