ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليارد توننا تۆمۈر رۇدىسى زاپىسى بار ئىكەن

خىتاي كانچىلىق دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 2 مىليارد توننا تۆمۈر رۇدىسى زاپىسى بارلىقىنى خەۋەر قىلدى. "خىتاي خەۋەرلەر تورى" دا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار خىتاي ئاخباراتلىرىدا 27 - ئىيۇن ئاشكارىلانغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.06.28

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە 500 مىليون توننا تۆمۈر زاپىسى دەسلەپتە بايقالغان. بۇ تومۇر زاپاسلىرى جەنۇبىي تەڭرىتېغى ئېتىكىگە جايلاشقان ئاۋۇلالە تومۇر رۇدىسى بەلۋېغىدىكى 3 ئورۇندىن تېپىلغان. مەزكۇر تومۇر زاپىسى بەلۋېغىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 6 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى 2007 - يىلدىن بۇيان 29 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ تۆمۈر رۇدىسى قىدىرىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە زور مىقداردا كۆمۈر، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت زاپىسى بار. خىتاي نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش"، "غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە يۆتكەش" قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويغان ۋە مەزكۇر بايلىقلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تىز سۈرئەتتە توشۇشقا باشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.