تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە 5-ئىيۇلدىن كېيىن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدىكى رايوندىكى بايلىقلارنى ئېچىش سىياسىتىدىن، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ نەپ ئالالمايلا قالماستىن، بەلكى رايونغا يەرلەشكەن خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدىكى تېرىلغۇ يەر ھەم ئۆي-زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى، رايونغا يېڭىدىن كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىرىكچىلىك يولى تارىيىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراتقان سىياسىتى تەنقىدلەندى.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ 5-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، يېقىندىن بۇيان يەنە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ ساھىبى، مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان بىر يۈرۈش ماقالىلىرى ھەم چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلىنغان ئىدى.