خىتاي ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرگە ۋىزا ئېمبارگوسى قويدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭگونىڭ مۇسۇلمان چېگرا رايونى-شىنجاڭ» ناملىق كىتابنى يېزىشقا قاتناشقان ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلارغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويغانلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ تەتقىقات پروگراممىسى» غا ئاساسەن يېزىلغان 484 بەتلىك مەزكۇر كىتاب، 2004-يىلى نەشر قىلىنغان ئىدى.

ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشقا دائىر تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكا بلۇمبېرگ خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر كىتابنى يېزىشقا قاتناشقان ئامېرىكا جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى فرېدىرىك ستار، جورجى توۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى جېيمىس مىلۋارد ۋە پروفېسسور جۇستىن رودېلسون قاتارلىق 13 پروفېسسور ۋە تەتقىقاتچىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىشىنى چەكلىگەن.

ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى خىتاي ھاۋا يوللىرىغا تەۋە يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىدا ئۇچۇشى چەكلەنگەن كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە «شىنجاڭ» مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا خەت يېزىپ بەرگەندىن كېيىنلا ۋىزا بېرىلگەن.

مەزكۇر ئەسەر نەشر قىلىنغان ئەينى چاغدا، خىتاي بۇ ئەسەرنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى سىياسەت تۈزگەندە پايدىلىنىدىغان قوللانما بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى.