ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى

ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ پىكىرلەرنى قوللايدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ خىزمەت پروگراممىسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.06.29

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 27-ئىيۇن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاينىڭ «شىنجاڭ تەرەققىيات پىلانى» تەنقىد قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئىلگىرىلەپ ئېغىرلاشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆي ماكانى چېقىلىپ، ئىلگىرىلەپ يەكلەشكە ئۇچرىغانلىقى، تەرەققىيات سىياسىتىنى تۈزۈش، قارار قىلىش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مارىنو بوستاچىن ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىپ: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر ساھەسىدە ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتىدۇ. گەرچە خىتاي قانۇنى كەمسىتىشنى چەكلىسىمۇ، بىراق دائىرىلەر بۇنى ئىجرا قىلمايدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار داۋاملىق چەتكە قېقىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشىدىن بەھرىمەن بولۇشتىن مەھرۇم قالدى، دېگەن.

باياناتتا يەنە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيىتىگە داۋاملىق دىققەت قىلىش ھەققىدىكى قارارى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىيەتنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى تەكلىپ پىكىرلەرنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ 37 بەتلىك دوكلاتىدا، ئىشسىزلىقنىڭ ئۇيغۇرلاردا يەنىلا ناھايىتى ئېغىرلىقى، ئېلان-سەنئەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشكارا كەمسىتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ ئەھۋاللارغا دەرھال خاتىمە بېرىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.