ۋاڭ دەن بۇ سۆزلەرنى تەيۋەندىكى تۇرالغۇسىدا بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇ:" بىز كۆپ نەرسىلەرنى يوقاتتۇق، ئەمما قولغا كەلتۈرگەنلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس " دېگەن ۋە " مەن بۇنى ئويلىساملا ھەر دائىم ئىنتايىن پەخىرلىك ھېس قىلىمەن" دېگەن.
ۋاڭ دەن، ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان ئۆركەش قاتارلىق خىتايدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
ئۇ، 1991 - يىلى قولغا چۈشۈپ 4 يىللىق قاماققا ئېلىنغان بولۇپ، 1998 - يىلى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىنگەن.
1989 - يىللىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلغىنىغا بۇ يىل ئىيۇندا 20 يىل توشىدۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ۋەقەدىكى خاتالىقنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.
