ۋاڭ لېچۇەن سۆزىنى ھەر مىللەت ئىشچى - دېھقانلىرى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر، زىيالىيلار، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار، سودا - سانائەت ساھەسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەر، ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە ساقچىلاردىن بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن قىزغىن ھال سورايمەن، دەپ باشلىغان.
ۋاڭ لېچۈەننىڭ 20 نەچچە مىڭ خەتلىك بۇ دوكلاتىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيتى ھەققىدە بىرەر چۈشەنچە ياكى ھېسداشلىق ئىپادىلەنمىگەن. ۋاڭ لېچۇەن بۇ دوكلاتىدا پۈتۈنلەي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 30 يىلدا قازانغان قوش تىللىق مائارىپ قاتارلىق نەتىجىلىرىنى ماختىغان ۋە 'ئۈچ خىل كۈچلەر' دەپ ئاتالغان دۈشمەنلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
