خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېرما ئارمىيىسى باش قوماندانى بىلەن كۆرۈشتى

خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى، بېرما ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى گېنېرال مىن ئاڭلەيڭ بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتوننىڭ ئېلىپ بېرىلغۇسى بېرما زىيارىتىدىن بىر كۈن بۇرۇنغا توغرا كېلىشى ئاخباراتچىلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

2011.11.28

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ سۆھبەت داۋامىدا خىتاينىڭ بېرما بىلەن مۇناسىۋىتىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بېرمىنى ئوتتۇرىدا ساقلانغان مەسىلىلەرگە تېزدىن چارە تېپىشقا ئىلھاملاندۇرغان. ئەمما مەسىلىنى كونكرېت تىلغا ئالمىغان. ئۆتكەن ئايلاردا، خىتاينىڭ 13 پاراخوت خادىمى مېكوڭ دەرياسىدا ئەتكەسچىلەرنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن. بېرما يەنە يېقىندا بېرمىدا خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇ ئېلىكتىر قۇرۇلۇشىنى ئۇشتۇمتۇت توختىتىپ خىتاي شىركەتلىرىگە ئېغىر ئىقتىسىادىي زىيان خەۋپى شەكلىللەندۈرگەن ۋە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرىقى بىر تۈركۈم سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق دېموكراتىك ئىسلاھات قەدەملىرى ۋە يېقىندا ئامېرىكا باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى ئامېرىكا بىلەن بېرما ئارىسىدا 50 يىلدىن بېرى توڭلاپ تۇرغان دىپلوماتىك مۇناسۋىتىنىڭ يۇمشىشىغا سەۋەب بولغان. ئەتە يەنى سەيشەنبە كۈنى كىلىنتون خانىم بېرمىدا زىيارەتتە بولىدۇ. بېرما ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بېرمىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.