خىتاي كوممۇنىستلىرى 1989 - يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ " ئەكسىلئىنقىلابىي ھەرىكەت" ئىكەنلىكىنى ۋە قورال كۈچى ئىشلىتىپ باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 19 - ماي سەيشەنبە كۈنى، خىتاي باياناتچىسى ما جاۋشۈ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلى مايدا قوزغالغان تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى 3 - 4 - ئىيۇن كۈنلىرى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ قانلىق باستۇرغان ۋە يۈزلىگەن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.