خىتاي 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك 200 كىشىنى سوتلايدىغانلىق خەۋىرىنى ئىنكار قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.25
2009.08.25
بىر كۈن ئالدىدا يەنى دۈشەنبە كۈنى خىتاي خەلق گېزىتىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتتا، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە 200 نەپەر 5 - ئىيۇل جىنايەت گۇماندارلىرى سوتلىنىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا دائىرىلەر 200 نەپەر جىنايەت گۇماندارلىرىغا 170 نەپەر ئۇيغۇر ۋە يەنە 20 نەپەر خىتاي ئاقلىغۇچى ئادۋوكات ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاخبارات بۆلۈمى باشلىقى خۇ خەنمېي، بۇ ھەقتە " شىنجاڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەپتە ئىچىدە 200 جىنايەت گۇماندارىنى سوتلاش پىلانى يوق" دېگەن. شۇنداقلا 5 - ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 83 نەپەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بىر يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، " بىر تەرەپتىن 18 - نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى سودا يەرمەنكىسىنىڭ ھارپىسى، ئىككىنچى تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان مەزگىلى بولغاچقا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ سەزگۈر مەزگىلدە يەنە بىر قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئويلاپ، سوت ئاچماسلىقى مۇمكىن."
ب ب س نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، بەزى مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نازۇك مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىلگىرى - ئاخىرى ئوخشىمىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشى، خىتاينىڭ سىرتقا قارىتا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ۋە ئىچكى جەھەتتە ئاخباراتنى كونترول قىلىشتەك زىددىيەتلىك سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى.