شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى خىتاينىڭ دوكلات ئېلان قىلىشتىكى مەقسىتى "دۇنيا خەلقىنىڭ ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى چۈشىنىۋېلىشى، ئامېرىكىنىڭ نامۇۋاپىق ھەرىكىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش،" دەپ تەكىتلىگەن.
خىتاي دوكلاتتا ئامېرىكىنى باشقىلارنىڭ "ھاياتى - كىشىلىك بىخەتەرلىكى"، "ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى"، "ئىرقىي كەمسىتىش"، باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش" بىلەن ئەيىبلەپلا قالماي، ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىنى يەنە "ئۆزى ئەينەكلىك ئۆيدە ئولتۇرۇپ باشقىلارغا تاش ئاتقانلىق،" دەپ تەنقىدلىگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ سۆز ئەركىنلىكى، پۇقرالارنىڭ كۆچۈش ھوقۇقى، يىغىلىش ئەركىنلىكىنى بوغۇۋاتقانلىقىنى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە دىنىي ئەركىنلىك، مەدەنىيەت ۋە ئانا تىلى ھوقۇقى چەكلىنىپ، ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا ئامېرىكا دائىرىلىرىنى "ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى ئېغىر مەسىلىلەرگە كۆز يۇمدى"، دەپ ئەيىبلىگەن.