خىتاي باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىنىقىنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي تۈنۈگۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىنىقى ئېلىپ بارغان. سىناقتا، قۇرۇقلۇقنى بازا قىلىپ تۇرۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ھاۋادا ئېتىپ چۈشۈرۈش تېخنىكىسى سىنالغان.

بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات بەرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ پۈتۈنلەي مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قاراتمىلىقى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ ئالدىدا، ئامېرىكا تەيۋەنگە ئىلغار تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغان، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق قارشى چىققان ئىدى.

تۈنۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىشىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى ۋە ئوبامانىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىش پىلانى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قىيىن بىر باسقۇچقا ئېلىپ كىرىشى مۇمكىن دېگەن.