خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە قارشى كۈچلۈك نارازىلىق ئىپادىسىنى كۆرسەتتى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما، تەيۋەنگە يېتىپ كېلىشى ھامان، خىتاي دالاي لامانىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلغانلىقىغا قارشى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىپادە بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ1 - سېنتەبىر تارقاتقان باياناتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ تەيۋەنگە قارىتا زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىگە دائىر ئىككى قېتىملىق مۇھىم زىيارەت پائالىيىتىنى بىكار قىلغان.

ب ب س دا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ بىكار قىلغان ھەمكارلىق زىيارىتى ئاساسەن ئاۋىئاتسىيە ھەمدە ئىقتىسادىي ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرى زىيارىتىنى بىكار قىلىشىنىڭ دالاينىڭ تەيۋەندە زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دالاي لاما يەكشەنبە كۈنى تەيۋەن ئارىلىغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. دالاي بۇ قېتىملىق تەيۋەن زىيارىتىنىڭ تەيۋەندە لاما دىنىي ئۆرۈپ ئادەتلىرى بويىچە تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە تەڭرىدىن مەدەت تىلەش پائالىيەتلىرىدىن ئىبارەت دىننىي پائالىيەتنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، تىبەت دىننىي رەھبىرى دالاي لامانىڭ، بېيجىڭنىڭ تەيۋەن بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى يۈكسدەلدۈرۈۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەن بۇ ھال سوراش زىيارىتىنى خىتاينڭ ئىنتايىن كۈچلۈك نارازىلىق ئىپادە بىلدۈرۈشىگە سەۋەب بولماقتا.

ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا دالاي لامانىڭ سەيشەنبە كۈنى گاۋشۇڭدا ئېلىپ بارغان ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نوم ئوقۇش مۇراسىمىغا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئامما قاتناشقان.

بۇ قېتىملىق ماراكوت تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىدە، تەيۋەندە ھاياتىدىن ئايرىلغان ھەم يوقاپ كەتكەنلەر ئالتە مىڭ كىشىدىن ئاشىدۇ.