خىتاي ئىنتېرنېت ئۈستىدىكى قامالنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىش يولىدا

خىتاي دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى «ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئالاقىسىنى باشقۇرۇش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنىڭ لايىھىسىنى» ئېلان قىلدى.

بۇ لايىھىدىن قارىغاندا ئەسلىدىلا دۇنيادىكى ئىنتېرنېتنى ئەڭ قاتتىق باشقۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ ئۇچۇر-ئالاقىغا قاراتقان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرىدىكى لايىھە نۇسخىسىدا ھەرقايسى ئىنتېرنېت ئۇچۇر-ئالاقىسى ساھەسىگە ئالاقىدار شىركەتلەرنى خىتاي ساقچى ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلايدىغان ماددىلار بېكىتىلگەن بولۇپ، ماددا بويىچە، ئەگەر بۇ شىركەتلەر ساقچى ئورگانلىرى بىلەن ماسلاشمىسا، ئۇلار پېچەتلىنىپ، تىجارىتى توختىتىلىدۇ.

لايىھىدە ھەرقايسى تور بەت، بلوگ ۋە مىكرو بلوگ تور بەتلەرگە ھەقىقىي كىملىك بويىچە تىزىملاش، ئۈچ يىل ئىچىدە دائىرىلەر تەرىپىدىن ئالاقىدار ماددىلار بويىچە جازالانمىغان بولۇشتىن سىرت، چوقۇم جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىدىن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى نەتىجىسى بولۇش دەيدىغان شەرتلەر قوشۇلغان. لايىھىدە ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلارنى تارقىتىشى قانۇنغا خىلاپ دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئالاقىدار، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى قىلىدىغان، مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىكنى قۇترىتىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان، دۆلەتنىڭ دىنى ئىشلار سىياسىتىگە خىلاپ، قانۇنسىز يىغىلىشنى تەشۋىق قىلىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزىدىغان بارلىق ئۇچۇرلار.

ب ب س نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان بۇ تۈزىتىلگەن نۇسخا لايىھىسىدىكى تەبىرى ئېنىق بولمىغان يۇقىرىدىكى بۇ چەكلىمىلەر خىتاينىڭ ئىنتېرنېتقا قاراتقان قاتتىق بېسىمىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.