ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە كەينىگە چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئىككى كۈن داۋام قىلغان ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى پەيشەنبە كۈنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ يېتەكچىسى مايكېل پوسنېر خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.04.28

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى مايكېل پوسنېر باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، ئامېرىكا تەرەپ خىتايدىكى بىر قاتار سەزگۈر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي گۇرۇپپىلار ئۈستىدىكى بېسىمى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەتلەرگە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە ئوخشاش سەزگۈر تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئامېرىكا تەرەپ سۆھبەتتە، خىتايدا قولغا ئېلىنىپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، بولۇپمۇ ئەي ۋېۋېينىڭ مەسىلىسىنى ئالاھىدە سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىغان.

مايكېل پوسنېرنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ئۇلار سۆھبەت داۋامىدا يەنە، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى، ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبو بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى رەت قىلىنغان.

مايكىل پوسنېر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئەھۋالىنىڭ ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى بۇ سۈركىلىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ۋە يۇقىرىدىكى ۋەقەلەرنى يېقىندىن تەقىب قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى 1990-يىلى يولغا قويۇلغان. بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى 16-قېتىملىق سۆھبەت بولۇپ، ئالدىنقى نۆۋەتلىكى 2010-يىلى 5-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.