خەۋەردە چۈشەندۈرۈلۈشىچە، گۇاڭخۇي شېركىتىنىڭ جىڭگۇ ئولتۇراق رايونىدا باشلىغان 32 قەۋەتلىك قۇرۇلۇشى، دۈشەنبە كۈنى قۇرۇلۇش باشلىغاندىلا بۇ ئولتۇراق رايوندىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئارىلىشى بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشنى توختاتقان بولسىمۇ، سەيشەنبە كۈنى يەنە قايتا قۇرۇلۇش باشلىغان.
ئولتۇراق رايوندىكى ئامما ئۆز ئۆيىنىڭ 10 مېتىرلا نېرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ ئېگىز ئىمارەت قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە ئىش باشلىغانلىقىنى، شۇ رايوننىڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئىنكاس قىلغان.
سەيشەنبە كۈنى 9 دا قۇرۇلۇش مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن ساقچىلار گۇاڭخۇي قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشنى توختىتىشىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما گۇاڭخۇي شېركىتى قۇرۇلۇشچىلىرىدىن 30 دەك كىشى ساقچىلار بىلەن قارشىلاشقان، ھەمدە ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا قارىماي ساقچىلارنى قورشاپ توپىلاڭ چىقارغان.
كەلگەن ساقچىلارنىڭ مەسئۇلى قۇدرەت قۇربان ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئاسمانغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق چىقارغان، ھالبۇكى بىر تال ئوق تاسادىپىي ھالدا قايتىپ چۈشۈپ گۇاڭخۇي شىركىتىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولغان دېرىكتورلىرىدىن ياۋ يۇڭخەينىڭ گېلىغا تەگكەن ۋە ئۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
گۇاڭخۇي شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن ئەڭ روناق تاپقان يەر - مۈلۈك تىجارىتىنى ئاساس قىلغان گۇرۇھ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ گۇرۇھ قارمىقىدىكى شىركەتلەر، پۇل ھەم ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن پايدىلىنىپ، ئۈرۈمچى سەھەر ۋاقىت گېزىتىنىڭ تارقىتىلىشىنى توسۇشقا ئوخشاش ئۈرۈمچىدىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ۋەقەلەرگە سەۋەبچى بولۇپ كەلمەكتە.