خىتاي سۈت پاراشۇكى تەركىۋىدىكى مېلامىن مىقدارىغا ئۆلچەم بەلگىلىدى

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، سۈت پاراشۇكى تەركىۋىدىكى مېلامىن مىقدارىغا يېڭىدىن ئۆلچەم بەلگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈت پاراشۇكى مەھسۇلاتلىرىنى مېلامىندىن تامامەن خالىي قىلىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ سۈت پاراشۇكى قاچىلانغان پىلاستىك خالتىدىنمۇ سىڭىپ كىرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شۇڭا خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى سۈت پاراشۇكىدا بايقالسا يول قويۇشقا بولىدىغان مېلامىن مىقدارىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى بەلگىلىگەن. بەلگىلىمە بۇيىچە، ھەر بىر كىلوگرام سۈت پاراشوكىدىكى مېلامىن مىقدارى بىر مىللىگرام، نورمال سۈتتىكىسى بولسا 5.2 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى يۇقىرىقى ئۆلچەم بىلەن بىر قاتاردا، سۈپەت تەكشۈرۈش تۈزۈملىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر سۈت پاراشۇكى مەسىلىسىنىڭ ئۆلچەم بەلگىلەش بىلەن تۈزەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۆلچەمنى نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىدا ئۆزگىرىش بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلار سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن، سۈت پاراشۇكىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ نۆۋەتتىكى سانى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان، ئەمما مىنىستىرلىق جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر، بايقالغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ 130مىڭدىن ئاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خىتاي بۇ يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغان بۇ كۈندە ۋېنگىرىيە، رۇسىيە، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەردە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان باشقا يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىدىنمۇ مېلامىن تەركىۋى بايقالغان.

نۆۋەتتە دۇنيادا خىتاي يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا كەڭ - كۆلەملىك ئىمپورت چەكلىمىسى يولغا قويۇلماقتا. ھىندونېزىيە يولغا قويغان يېڭى بەلگىلىمە بۇيىچە، خىتايدىن سۈت پاراشۇكى ئىمپورت قىلغانلارغا ئېغىر جەرىمانە قويۇلغاندىن باشقا،ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.