ما يىڭجيۇ : تەيۋەن خىتايغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇ تۈنۈگۈن ئاخشامقى يېڭى يىل نۇتقىدا، تەيۋەن ‏ - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.

ما يىڭجيۇ سۆزىدە خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش جەريانىدا، تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى داۋاملىق ئۈستۈن تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ بۇ ئارقىلىق چوڭ قۇرۇقلۇققا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ما يىڭجيۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: "بىز چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقىمىزنى داۋاملىق تۈردە قوغدايمىز، بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى ئىجابىي يۆنۈلۈشكە قاراپ يېتەكلەيمىز."

گومىنداڭ پارتىيىسى تەيۋەندە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، تەيۋەن خەلقى بولۇپمۇ، مۇستەقىللىق تەرەپدارى كىشىلەر، تەيۋەن پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ تەيۋەننى خىتاي بىلەن بىرلىشىشكە يېتەكلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

بولۇپمۇ ئۆتكەن ئاي ئىچىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر بۇ ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن ئىدى. شۇڭا ما يىڭجيۇنىڭ يېڭى يىل نۇتىقى ئەنە ئەشۇ ئەندىشىلەرگە جاۋاب بېرىش مەقسەتلىك ئىكەنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

يەنە كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەر، تەيۋەن بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تىجارەت ۋە ساياھەتچىلىك ئىشلىرىدا ئىلگىرىلىگەن بولسىمۇ، سىياسىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەردە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.