مېلبۇرن شەھىرىدە ئۇيغۇر نامايىشچىلار بىلەن خىتايپەرەس نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن

ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبۇرن شەھىرىدە ئۇيغۇر نامايىشچىلار بىلەن خىتايپەرەس نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، توقۇنۇش شەنبە كۈنى فېستىۋال زالى يېنىدا مەيدانغا كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.08

 خەۋەردە، ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، رابىيە قادىر خانىم،  "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ئۆزى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىدىغان مېلبۇرن ھۆكۈمەت زالىغا كىرىش ئالدىدا خىتايپەرەس نامايىشچىلار زال يېنىدا نامايىش قىلغان. خىتاي نامايىشچىلار  قوللىرىدا پلاكاتلارنى پۇلاڭلىتىپ رابىيە خانىمنى "تېررورچى" دەپ ئەيىبلىگەن.

 نەتىجىدە قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈشكەن ئۇيغۇر نامايىشچىلار، ئۇلارغا قارشى شوئارلارنى توۋلاشقان.  ئارىدىن بىر ئۇيغۇر خانىم خىتاي نامايىشچىلارغا ئېتىلىپ توقۇنۇشقاندا، كۆزەتتە تۇرغان ساقچىلار تەرىپىدىن ئايرىۋېتىلگەن.

بۇ خىتايلارنىڭ "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق فىلىمگە قارشى كۆرسەتكەن ئاخىرقى تىرىشچانلىقلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.