ئۇلار دائىرىلەردىن ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جازاسىنى قايتىدىن كۆرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.
مەركىزى ئامېرىكىدىكى «جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر مەمۇرى دائىرىلەر ئەرزنى كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلسا، دەۋاگەرلەر سوت مەھكىمىسىگە باش ئۇرۇپ، ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدىكەن.
سايباغ ۋە مىدوڭ رايونلۇق ساقچى دائىرىلىرى بۇ يىل7-ۋە 8-ئايدا خىتاي بالىلىرىنى يىغىپ، ئىلگىرى كېيىن ئىككى قېتىم يازلىق ئىنجىل كۇرسى ئاچقان 9 نەپەر خرىستىئان مۇرىتىنى تۇتقۇن قىلغان ئىدى. دائىرىلەر ئۇلارنى «يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنى قانۇنسىز خرىستىئان كۇرسىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، نورمال دىنىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ، 15 كۈنلۈك تۇتۇش تۇرۇش ۋە جەرىمانە قويۇش جازاسى بەرگەن.
جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ساقچىلار 15 كۈنلۈك تۇتۇش تۇرۇش جەريانىدا تۇتقۇنلارنى ئۇرغان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە رۇخسەتسىز خرىستىئان دىنىي پائالىيەتلىرىنى جازالىسىمۇ، بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى قوراللىق باستۇرماقتا ئىكەن. دائىرىلەر بۇ يىل يازدا خوتەندە بىر قۇرئان كۇرسىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، ئون نەچچە ئۇيغۇر بالىنىڭ كۆيۈپ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.