پىلاندا يەنە، 2012 - يىلىغا قەدەر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارلىق يەسلى ۋە بالىلار باغچىلىرىنى قوش تىللاشتۇرۇپ بولۇش، 2015 - يىلىغىچە بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بۇ سەۋىيىگە يەتكۈزۈش، 2020 - يىلى بولسا، ھەر قانداق مەكتەپتە قوش تىل راۋان سۆزلىنىدىغان قىلىش بېكىتىلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر پىلاننىڭ دېيىلگەن ۋاقىتتا ئەمەلىيلىشىپ بولۇش مۈمكىنچىلىكىدىن، كۆپرەك پىلاننىڭ ئەسلى غايىسىگە دىققەت قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن بىر تەدبىر سۈپىتىدە ئېلان قىلغان.
ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قوش تىللىق بولۇش شەرتىنىڭ رايوندىكى كۆچمەن خەلق خىتايلارغا ئەمەس، بەلكى يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلارغا يەنى قانۇن بويىچە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بولغان ئۇيغۇرلارغا قويۇلۇشى، ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ۋە مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشى مۇمكىن.