سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە پەرزەنتلىرى ئۆلگەن ئاتا - ئانىلارنىڭ ئەرزى رەت قىلىندى

بۇ يىل 12‏ - ئاينىڭ 1 ‏ - كۈنى سىچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە پەرزەنتلىرى ئۆلگەن ئاتا - ئانىلاردىن 60 كىشى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ دېياڭ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ئىدى.

ئەرز فۇشىن بازارلىق ھۆكۈمىتى، فۇشىن ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، ميەنجۇ شەھەرلىك مائارىپ ۋە قۇرۇلۇش ئىدارىسى ئۈستىدىن بولۇپ، بۇ ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلار ئائىلە - تاۋابىئاتىدىن ئاشكارا ئەپۇ سورىشى ۋە تۆلەم تۆلەپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

بۈگۈن بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، دېياڭ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، ئەرىزدارلارنىڭ ئەرزىگە قاراپ چىقىشنى رەت قىلغان. خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، سوت خادىملىرىدىن بىرى ئەرىزدارلارغا، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل دېلولارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئىچكى ھۆججىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 5 ‏ - ئايدا 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ۋەقەسىدە ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولغان. چۈنكى ئاپەت مەزگىلىدە ئاپەت رايونىدىكى ھۆكۈمەت بىنالىرى ساق قېلىپ مەكتەپ بىنالىرى ئاساسەن دېگىدەك ئۆرۈلۈپ تۈگىگەن. ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەت مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىدا سۈپەت ئۆلچىمى يېتەرسىزلىكى بولغانلىقىنى تەن ئالغان ۋە ۋەقەدە مەسئۇلىيىتى بارلارنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۈگۈنكى قەدەر بۇ ھەقتە ھېچقانداق قەدەم بېسىلمىغان. بۇ سەۋەبتىن ئاپەت رايونىدىكى ئاتا - ئانىلاردىن 60 كىشى مەزكۇر ئەرزنى سۇنغان.

ئەرزدارلارنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك ئەمەلدارلار بەزىدە تەھدىت، بەزىدە پۇل ئارقىلىق ئالداش يولى بىلەن ئەرىزدارلارنى ئەرزىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىماقتا. ئەمما ساڭ پەمىلىلىك بىر ئەرىزدار ئۆزلىرىنىڭ دەۋادىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ۋە يۇقىرى سوتقا ئەرىز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.