خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا يىڭنە ھۇجۇمى گۇماندارلىرىدىن 74 كىشىنى قولغا ئالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.09.15
2009.09.15
شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ساقچى دائىرىلىرى بۇ جەرياندا، يىڭنە ھۇجۇمى گۇرۇھىدىن 7 نى، يىڭنە بىلەن ھۇجۇم قىلىش دېلوسىدىن 36 نى پاش قىلغان. بۇ دېلولاردىن 16 سى ئۈرۈمچىدە، 11 ئى خوتەندە يۈز بەرگەن، قالغانلىرى قەشقەر، تۇرپان، ئاقسۇ، سانجى ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن.
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراماي، شىخەنزە ۋە كۈيتۈڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ يىڭنە ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەرگەن. قاراماي ئاھالىلىرىدىن بىرى رادىئومىز مۇخبىرىغا قارىماي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق شەھەردە يىڭنە بىلەن ھۇجۇم قىلىش دېلوسىدىن 49 ى پاش قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىڭنە بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خىتاينىڭ شىئەن قاتارلىق شەھەرلىرىدىمۇ كۆرۈلگەن. شىئەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى يىڭنە ھۇجۇمچىلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن، 5000 نەپەر ساقچىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.
نۆۋەتتە خىتاي، يىڭنە ھۇجۇمىدا زەھەرلىك ماددىلار قوللىنىلمىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ ۋەزىيەتتىكى ئەنسىزچىلىكنى پەسەيتىشكە تىرىشسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن يىڭنە ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي خەلقىنى سەگەك بولۇشقا چاقىرماقتا.