خىتاينىڭ ئايتوقاچ بايرىمىدا 'زەھەرلىك ئايتوقاچلار' بايقالدى

خىتاينىڭ "ئاي توقاچ" بايرىمى مەزگىلىدە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدە يەنە مەسىلە كۆرۈلدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 9 يېرىم توننا زەھەرلىك ئايتوقاچنى قولغا چۈشۈرگەن. مەزكۇر ئايتوقاچلاردا ئادەمگە زىيانلىق كۆپ مىقداردا باكتېرىيىلەر بايقالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئايتوقاچلار كۆپىنچە ھاللاردا ناھىيە - يېزىلاردا بازارغا سېلىنغان.

خىتايدىكى ئالاقىدار دائىرىلەر بازارلاردىكى سۈپەتسىز ئايتوقاچلارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى، بازارلارغا سېلىنغان ئايتوقاچلار 96% ئىنىڭ سەھىيە ئۆلچەملىرىگە توشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، خەلقنى خاتىرجەم بولۇشقا چاقىرغان.

خىتايدا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان زەھەرلىك يېمەكلىك، زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋە زەھەرلىك چىش پاستىسى قاتارلىق ۋەقەلەر، خىتايدىكى سۈپەت ئۆلچىمى خىزمەتلىرىدە مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى زەھەرلىك يېمەكلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بۇ خىل ۋەقەلەر خىتايدا ئۈزلۈكسىز سادىر بولماقتا.