ئامېرىكا بېيجىڭدا يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ئاچىدۇ

16 - ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا يېمەك - ئىچمەك ۋە دورا - دەرمەك باشقۇرۇش ئىدارىسى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۇچۇن خىتايدا بىر ئىشخانا تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئىشخانا ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردە ئاچقان شۇ خىلدىكى تۇنجى ئىشخانىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشخانىسى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، شۇ خىلدىكى ئىشخانىلار 2009 - يىلى يەنە خىتاينىڭ گۇاڭجۇ ۋە شاڭخەي شەھەرلىرىدىمۇ تەسىس قىلىدىكەن.

خىتايدىن كىرگۈزۈلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ خىلدىكى ئەندىشە، ئۆتكەن ئايدىن بۇيان خىتايدا ئاشكارىلانغان زەھەرلىك سۈت سەتچىلىكىدىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان ئىدى

ئامېرىكا دورا دورا - دەرمەك ۋە يېمەك - ئىچمەك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خادىمى، ئاندرېۋ ئەكېنباكنىگن بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا كېلەر يىلىدىن باشلاپ لاتىن ئامېرىكىسى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستان قاتارلىق رايون ۋە ئەللەردە 60 ئورۇندا شۇ خىلدىكى تەكشۈرۈش ئىشخانىلىرىنى تەسىس قىلىدىكەن.